يىپەك يولىكېمىسى

Silk Road Oasis

丝路之舟

  مېڭ تەي سولى مائارىپى بولسا بالىلارغا ئەسلىھەلەشكەن ساپا مائارىپى بىلەن يوشۇرۇن تالانتىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئەلا مائارىپ شەكلى،بۇ خىل مائارىپ شەكلى 1909-يىلى ئىتالىيەلىك ئايال مائارىپچى ماررىي.مېڭ تەي سولى قۇرغان بولۇپ،ئۇزاق ئۆتمەيلا خەلقئارادىكى يۇقىرى-تۆۋەن مائارىپ ساھەسىدە مائارىپ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.بۈگۈنگە قەدەر يۈز نەچچە دۆلەتكە ئومۇملاشقان بولۇپ،كۆپ قىسىمى غەرپتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر. مېڭ تەي سولى مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى تەربىيىگە،مائارىپ ئۇسۇلىدا ئەقلىي مەشىقلەندۇرۇشكە،ھېسسىي مەشىقلەندۈرۈشتىن ھەركەت ئارقىلىق مەشىقلەندۈرۈشكە،ھۆرمەتلەش ئەركىنلىكى ئارقىلىق ئىرادە تىكلەشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ؛پۈتكۈل تەربىيلەش جەريانىدا مېڭ شىغا خاس بولغان نەچچە يۈز مىڭ تۈرلۈك كەسپىي ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىگە تايىنىدۇ ھەمدە ھەربىر ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە چۈشىنىشى مېڭ شى مائارىپىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.مېڭ تەي سولى بالىلاردا غايەت زور بولغان يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە دەپ قارايدۇ،مېڭ شى مەشىقلەندۈرىشى ئارقىلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇھىتقا بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى قوزغىتىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ،زىددىيەت مەسىللىرىنى ئۆزلىكىدىن ھەل قىلىپ،ئۆز-ئۆزىنى قۇرۇش ۋ ئەقلىي قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يىتىدۇ.مېڭ شى سىنىپلىرى ئۆسمۈرلەرنىڭ ھېسسىي ئەقلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش مۇھىتى  بىلەن تەمىنلەيدۇ .ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان ھەمدە كۆپ خىل ئوقۇتۇش ئەسلىھەسى مەشغۇلاتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر قاتار ئويۇن پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى،ئوقۇغۇچىلار ئويۇن پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۆگەندى ۋە ئالغا باستى.ئوقۇتقۇچى بولسا ياندا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئويناپ،ئارىسىغا كىرمەي ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۇردى.مېڭ شى سىنىپلىرى كىچىك تىپتىكى جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان بولۇپ،بالىلار بۇنىڭدىن باشقىلارنى ھۆرمەتلەش،باشقىلارنى قوبۇل قىلىش،بىلىمدىن پايدىلىنىش ۋە ماھارەتلەرنى قانداق ئۆگىنىشنى، مېڭ شى مائارىپى ئارقىلىق تىنىچلىق رەھبەرلىك قىلغۇچىلىرىنى تەربىيلەپ چىقتى.بۇ ئارقىلىق مېڭ تەي سولى مائارىپ ئىدىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلى دۇنيا تىنىچلىقى مەقسىتىگە يەتتى.