يىپەك يولىكېمىسى

丝路之舟

 ئۇزاق مەزگىللىك تىرىشىش ئارقىلىق يىپەك يولى كېمىسى شىنجاڭدىكى مائارىپ تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى،تەشكىلاتىمىز باشچىلىقىدا شىنجاڭغا قارىتا مېڭ تەي سولى مائارىپ شەكلىنى كىرگۈدى ۋە يەرلىكتىكى مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا تەدرىجىي پۈتكۈل شىنجاڭغا كېڭەيمەكتە.ھازىرغا قەدەر يىپەك يولى كېمىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا لوپنوردىكى بەش بالىلار باغچىسىغا مېڭ تەي سولى مائارىپ شەكلىنى كىرگۈزدى ھەمدە مەكتەپنىڭ مېڭ شى دەرسلىك تۈزۈمىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىدى.ئەترىتىمىز يەنە جوڭگو مېڭ تەي سولى جەمئىيىتىدىن دوكتۇرلارنى تەكلىپ قىلىپ،ئالدى-كەينى بولۇپ 30دىن ئارتۇق بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتا يۇقىرى سەۋىيىدىكى مەخسۇس تەربىيلەش ئېلىپ باردى ھەمدە مېڭ شى جەمئىيىتى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار قارارلىق ھالدا سىناق ئېلىپ بېرىلىپ ۋاقتىدا پىكىر-تەكلىپلەر بېرىلدى.تەربىيلىنىشكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس تەربىيلىنىش ئارقىلىق ئىمتىھانغا قاتناشتى،لاياقەتلىك بولغانلارغا مېڭ شى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى،بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى؛تېخىمۇ كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مېڭ تەي سولىنى چۈشىنىشكە رىغبەتلەندۈردى ۋە تېخىمۇ كۆپ ياش ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ شەرت-شارائىتى جاپالىق بولغان شىنجاڭ بالىلار باغچىسى مائارىپ قوشۇنىغا كىرىشىنى رىغبەتلەندۈردى؛بۇ ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەمچىل بولۇشنى ئازايتتى.مېڭ شى مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشى ياخشى بولغان ئوقۇتۇش بايلىقى بىلەن ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغانلىقتىن يىپەك يولى كېمە ئەترىتى كۆپلەپ تىرىشىش ئارقىلىق بەش بالىلار باغچىسىغا ياردەم قىلدى،ھەر بىر مەكتەپكە قىلغان ياردەم كۆلىمى:ئۇزۇن مۇددەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش خىراجىتى،ھەر بىرمەكتەپتىكى ھەر بىر مېڭ شى تۈزۈمىدىكى سىنىپقا نەچچە ئون مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئوقۇتۇش سايمانلىرى بىلەن تەمىنلەش،مەكتەپنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەسىنى ياخشىلاش، مەسىلەن:ئۈستەل،ئورۇندۇق،كىتاب جاھازىسى قاتارلىقلارنى ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەمىنلەپ بەردى.   

لوپنۇرغا دائىر
نۆۋەتتە يىپەك يولكېمىسى ئىئانە توپلاپ ياردەم قىلغان بەش مەكتەپنىڭ ھەممىسى لوپنۇر كەنتنىڭئەتراپىدىكى لوپنۇر ناھىيىسىگە جايلاشقان.لوپنۇر كەنتى لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى 35 كىلومېتىر يىراقلىقدىكى تۇزلەڭلىككە جايلاشقان.بۇ رايون تەكلىماكان قۇملۇقى،ھەرىكەتچان دەريا،تارىم دەرياسى،ئىپتىدائىي توغراقلىق،ئوتلاق ۋە لوپنۇر ئاھالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئەڭ چوڭ قۇملۇق،ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇقدەرياسى،ئەڭ چوڭ يېشىل كارىدور ۋە يىپەك يولى مانا مۇشۇ يەردە كېسىشىپ،ئالتۇن سىياقلىق تەبىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.لوپنۇر ئادىمى بولسا شىنجاڭدىكى ئەڭ قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇلار تارىم دەريا ۋادىسى بويلىرىدا «بەش خىل دانلىق زىرائەت تېرىمايدۇ،چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانمايدۇ،پەقەتلا كېمە ئارقىلىق  بېلىق تۇتۇپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ ».ئۇلارنىڭ دىئالىكىتلىرىمۇ شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ دىئالىكىتنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى،مىللىي ناخشىلىرى،ھېكايىلىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە.نەچچە يۈز مىڭ يىلدىن بۇيان دۇنيا بىلەن ئايرىۋېتىلگەن بۇ قۇملۇقتا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پەقەت ساناقلىقلا «ئەڭ ئاخىرقى لوپنۇر ئادىمى»قېپقالغان. 1972-يىلى7-ئايدا ئامرىكا ئاۋئاتسىيە ئىدارىسى قويۇپ بەرگەن يەر شارى بايلىقى ناملىق سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق تارتىلغان لوپنۇر رەسىمىدە لوپنۇر ئادەم قۇلىقىنىڭ شەكلىگە ئىنتايىن ئوخشايدىغانلىقى بايقالغان.ئۇنىڭدا قۇلاق سۇپۇرىسىلا بولۇپ قالماستىن يەنە قۇلاق تۆشۈكىمۇ بار ئىكەن ھەتتاكى قۇلاق يۇمشۇقىمۇ بار ئىكەن.يەر شارىدىكى بۇ قۇلاق قانداق شەكىللەنگەن دېگەن بۇ خىل كۆز قاراشقا نىسبەتەن بەزىلەر بۇ ئاساسلىقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى باغرىدىن كەلگەن كەلكۈن سۇلىرىنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن دەپ قارايدۇ.كەلكۈن ئېقىمى ئويمانلىققا قۇيۇلغان ۋاقىتتا،قۇملۇقلارغا قۇيۇلۇپ،كۆپلەپ سۇ-تۇپراقنى ئېقىتىش ئارقىلىق يەر شەكلىنى ئۆزگەرتكەن.قىسمەن تەركىبىي قىسىمنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ،بۇ خىل ھالەت ئاز قىسىم قۇرغاقلىشىشنى كەلتۈرۈپ،«چوڭ قۇلاق»نى شەكىللەندۈرگەن.بىراق يەنە بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا نىسبەتەن ئوخشىمىغان كۆز قاراشتا،تەتقىقاتچىلارنىڭ ئامما ساھەسىدىكى بەس مۇنازىرىسىمۇ بۇنىڭلىق بىلانلا ئەمەس،بەلكىم لوپنۇرغا ئالاقىدار بولغان مۇنازىرىلەر مەڭگۈ ئاخىرلاشماسلىقى مۇمكىن،قەدىمدىن ھازىرغا قەدەر لوپنۇر ئىزچىل تۈردە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئېكىسپىدېتسىچىلەرنىڭ ئېكىسپىدېتسە قىلىدىغان گۆھەر زېمىنى،ئۇنىڭ سىرى  بەلكىم مەڭگۈ يېشىلمەسلىكى مۇمكىن.بىزنىڭ ئۈمۇد قىلىدىغىنىمىز شۇكى، ئىلغار بولغان مائارىپ ئىدىيىسىنى بۇ گۈزەل ۋە سىرلىق ماكانغا ئېلىپ كىرىش.  

 

 

Silk Road Oasis