يىپەك يولىكېمىسى

Silk Road Oasis

丝路之舟

يىپەك يولىكېمىسى





يىپەكيولى كېمىسىنىڭ ئىككىلا قۇرغۇچىسى شىنجاڭدا تۇغۇلغان بولۇپ،14ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ئامرىكىدىكى ئون يىلغا يەتكەن ئىزدىنىش ھاياتىنى باشلىغان.بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى نامراتلىق،ئاچارچىلىق،توپىلاڭ كۆتۈرۈش،يار يۆلەكسىزلىك،ئۈمۈدسىزلىنىش قاتارلىق سەلبىي سۆزلەر ئوقۇتۇش بىلەن چەمبەرچاس مۇناسىۋەتكە ئىگە.بىز مائارىپ ئىشلىرىغا زور ئۈمۈد باغلىغان بولۇپ،مائارىپنىڭ مۇكەممەللىششىنى ۋە يېڭىلىقيارىتىشچانلىقىنىڭ شىنجاڭنىڭ نامراتلىقى،قالاقلىقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىمسىزلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.جوڭگو ئەنئەنىۋى مائارىپىدا بىلىم بېرىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سان-ساناقسىز ئىقتىساد ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ،ئەكسىچە غەرپ مائارىپىدا ئەڭ تەكىتلەيدىغىنى بىر ئادەمنىڭ يوشۇرۇن تالانتىنى،ئىجادچانلىقىنى،تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچىنى ۋە ئىتتىپاقلىشىش روھىنى نامايەن قىلىش.بىز جوڭگونىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مائارىپ شەكلىنى ۋە يەرلىك خەلىقنىڭ ئۆرپ-ئادەت مائارىپىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا غەرپنىڭ قوزغىتىشچان مائارىپ شەكلى ۋە ئىجادىيەتچان مائارىپ ئىدىيىسىنى سىڭىپ كىرگۈزۈشنى ئۈمۈد قىلىمىز.ئۆزىگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە غەرپ ۋە شەرق مائارىپ شەكلىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىزچىللاشتۇرۇپ تېخىمۇ كۆپلەپ ھەر قايسى جەھەتتە تەڭ يىتىشكەن ئىقتىسادلىق خادىملارنى تەربىيلەپ ئورتاق ھالدائىناق ۋە گۈزەل بولغان جەمئىيەت بەرپا قىلىش.شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ بۇ ئانا تۇپراققا،ئىلگىرى دۇنياغا تۇتاشقان يىپەك يولىغا ئالاھىدە مېھىر-مۇھەببىتىمىز بار.بىز يىپەك يولى كېمىسىنىڭ ئازغىنە كۈچى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى مائارىپ ئورگانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسىساھەلىرىدىكى ياخشى نىيەتلىك زاتلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان سەمىمىيتى بىلەنشىجاڭدىكى ھەر مىللەت باللىرى ئۈچۈن جوڭگو ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت خەزىنىلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىپ ئاساس سېلىش روھىنى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە يەتكۈزىدىغان گۈزەل كېمە ياساپ چىقتى.